领域: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىباھار پەسلى. ئۈجمە يوپۇرماقلىرىغا راسا تويۇنغان ئىشچان پىلە قۇرتى كۈمۈش رەڭ يىپەك تالالاردىن غوزا تۈگۈشكە باشلىغاندا، قاياقتىندۇر غىڭىلداپ بر چىۋىن ئۇچۇپ كەلدى. ئۇ ئۈجمە يوپۇرمىقىغا قوندى - دە، قىزىل كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ، پىلە قۇرتىغا قاراپ سۆز باشلىدى؛
- ئەي، بىچارە جاپاكەش، ئۆمرۈڭنىڭ قىسقىلىقىغا باقماي ئادەملەر ئۈچۈن جاپا چېكىدىكەنسەن. ئۇنىڭدىن كۆرە، مەندەك ئويناپ - كۈلۈپ، كۆپرەك ياشىساڭ بولماسمىدى؟
- ئەي، تەييارغا ھەييار نىجىس، كۆزۈمدىن يوقال! نىجاسەت دۆۋىسىدە سېنىڭدەك يۈرۈپ مىڭ يىل ياشىغاندىن كۆرە، بىر كۈن ياشىساممۇ ئادەملەرگە بىر ئاز نەپ بەرگىنىم ئەلا، - دەپ جاۋاب بەردى.