Uyghur主要词典
چاڭⅡ
چاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەر ئۈستىگە يېپىشىۋالغان ياكى ھاۋاغا ئارىلىشىپ، ئۇچۇپ يۈرىدىغان يۇمشاق توپا ياكى شۇ خىل توپا ھالىتىدىكى ئۇششاق زەرىچىلەر؛ توزان:[مىسال:] چاڭ باسماق. چاڭ توزىماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلنىڭ چاڭدېنىدىكى تالقانسىمان دانىچىلەر. كۆپچىلىكىنىڭ رەڭگى سېرىق، بەزىلىرىنىڭ يېشىل ياكى قارا كېلىدۇ، ھەربىر دانىچىسىنىڭ ئىچىدە بىردىن جىنسىي ھۈجەيرە بولىدۇ.