Chinese→Uyghur主要词典
草莓
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۆلجۈرگەن
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، يەر بېغىرلاپ پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان سامان
غوللۇق، بۆلجۈرگەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە ياكى
سوقىچاق بولىدۇ، ئارقا تەرىپى ئاقۇش، ئوڭ يۈزى توق يېشىل رەڭدە، پۈرۈلمىلىرى بولىدۇ؛ گۈل تاجى ياپراقچىلىرى بەش تال، رەڭگى ئاق ياكى
ساغۇچ ئاق بولىدۇ. گۈل تېگى چوڭىيىپ، شارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، پىشقاندا قىزىرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، يېيىشكە بولىدۇ، ئۈستىدە ھەرە
ئۇۋىسىغا ئوخشاش كىچىك ئوقۇرچىلىرى بولىدۇ، ھەربىر ئوقۇرچىلىرىدا بىردىن قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ئۇرۇق مېۋىسى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرىنىڭ زەيلىك
ئوتلىقى ۋە ئورمان ئارىسىدىكى بوشلۇقلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 20 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بۆلجۈرگەندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامدىن بولغان قىزىتما، گال ئىششىپ ئاغرىش ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان بۆلجۈرگەندىن 12 گرام ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 ~ 70 گرام ھۆل بۆلجۈرگەن، 35 ~ 50 گرام، قۇرۇتۇلغان بۆلجۈرگەننى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل بۆلجۈرگەننى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
باغۋەنچىلىك,يېزا ئىگىلىك
cǎo méi
بۆلجۈرگەنDدېھقانچىلىق
cǎo méi
بۆلجۈرگەن، قۇلۇپنىكDئورمانچىلىق
cǎo méi
قوي بۆلدۈرگىنىDئۆسۈملۈك
cǎo méi
چوڭ بۆلجۈرگەن، بۆلجۈرگەن، قۇلۇپنىكDئۇنىۋېرسال
cǎo méi
بۆلجۈرگەن )مېۋىسى ياكى ئۆسۈملۈكى(
例句
我喜欢吃草莓。
翻译: مەن چېچەكنى ياخشى كۆرىمەن.
专业术语
领域: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىcǎo méi
ئىقتىساد
قاتناش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە ئىگىلىك، بېلىقچىلىق
بۆلجۈرگەن
(1) ئىككى قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى چىقىرىپ، بارمىقى ئۇچىغا يۇقىرىغا قارىتىدۇ ۋە نۆۋەت بىلەن يۇقىرى - تۆۋەن بىر نەچچە قېتىم ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. (2) بىر قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقى بىلەن كىچىك دۈگىلەك ھاسىل قىلىپ، ئېغىز يېنىدا تۇتىدۇ ھەمدە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ چۈچۈمەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
GetWord 语料库
领域: 8()cǎoméi
بۆلجۈرگەن
بۆلجۈرگەن
بۆلجۈرگەن، قۇلۇپنىك
بۆلجۈرگەن (مېۋىسى ياكى ئۆسۈملۈكى)
关于该词条
这是一个中文–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。