Chinese→Uyghur主要词典
草麻黄
بىئولوگىيە
چاكاندا
چاكاندا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ بىر خىل كىچىك چاتقال بولۇپ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش ياغاچ غولى قىسقا ياكى يەر باغىرلايدۇ، كىچىك شېخى تۈز ياكى ئازراق ئەگرى بولىدۇ، يۈزىدىكى ئىنچىكە كۆندىلەڭ سىزىقلار ئېنىق بولمايدۇ. يوپۇرمىقى رۇدىمېنتلىشىپ پەردىگە ئايلىنىپ، بوغۇم ئۈستىدە ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمى قوشۇلۇپ غىلاپسىمان ھالەتكە كېلىدۇ، ئۇچى ئىككىگە يېرىلىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، ئاتىلىق شارچە گۈلى تۇخۇم ياكى ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، توپلىشىپ باشاقسىمان ھالەتتە ئۆسىدۇ، ئومۇمىي گۈل سېپى بولىدۇ؛ ئورىغۇچى يوپۇرمىقى تۆت جۈپ، ئاتىلىقى 7 - 8 دانە، ئاتىلىق يىپى بىرلەشكەن بولىدۇ. ئانىلىق شارچە گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، تۇخۇم شەكىللىك ئورىغۇچى يوپۇرمىقى تۆت جۈپ بولۇپ تۆۋەنكى ئۈچ جۈپى بىرلەشكەن بولىدۇ؛ ئانىلىق گۈلى ئىككى بولۇپ ھەر بىر ئانىلىق گۈلىدە ئۇچىدىن ئېغىز ئېچىلىدىغان خالتىسىمان يالغان گۈل يېپىنچىسى بولۇپ، تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ تۆرەلمە تۈگۈنىنىڭ تۈگۈن يېپىنچىسى بىر قەۋەت بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇچى قوشۇلۇپ تۈگۈن يېپىنچا نەيچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، تۈگۈن يېپىنچا نەيچىسى يالغان گۈل يېپىنچىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ. ئانىلىق شارچە گۈلى پىشقاندىن كېيىن ئورىغۇچى يوپۇرمىقى گۆشلىشىپ قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ. ئېللىپىسسىمان تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ؛ ئۇرۇقى ئىككى تال بولۇپ ئورىغۇچى يوپۇرماققا ئورىلىپ تۇرىدۇ. ئۈچ بۇلۇڭسىمان، تۇخۇم شەكىللىك كېلىدۇ. لياۋنىڭ، جىلىن، ئىچكى موڭغۇل، خېبىي، شەنشى، خېنەننىڭ غەربىي شىمال قىسمى ۋە جياڭشى ئۆلكىسىگە تارقىلىدۇ. ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ساپ تۈركۈمنى ھاسىل قىلىدۇ. چاكاندا دورىلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ تەركىبىدە بىئولوگىيىلىك ئىشقارلار مول بولىدۇ، بۇ جەھەتتە كازورىدىن دەرىخىدىنلا كېيىن تۇرىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەش ئاسان، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئېفېدرىن ئايرىۋالىدىغان ئاساسلىق ئۆسۈملۈكى. ئۇ ئاساسەن ئاغرىق ۋە يۆتەل توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئورمانچىلىق
cǎo má huáng
چۆپسىمان چاكانداDئۆسۈملۈك
cǎo má huáng
چۆپسىمان چاكاندا، جۇڭەو چاكاندىسى