Chinese→Uyghur主要词典
菜茵城市同盟
دۇنيا تارىخى
رېين شەھەرلەر ئىتتىپاقى
1254-يىلى گېرمانىيىنىڭ رېين رايونىدىكى كيۇلىن، ھاينىس، ۋورمىس قاتارلىق شەھەرلەر تۈزگەن ئىتتىپاق. ئىتتىپاقداش شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغداشنى، كىنزلەر ۋە رىتسارلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان. قوراللىق كۈچ ۋە فلوتقا ئىگە بولغان. رېين رايونىدىكى كىنەزلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى گومرۇك - توساقلىرىنى بىكار قىلىشنى، پادىشاھ سايلاشنى تەلەپ قىلغان (1254 - 1273-يىللىرى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختى بوش قالغان). بەزى كىنەزلىكلەرۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان. ئىتتىپاققا قاتناشقان شەھەرلەر كۆپ بولغان چاغدا تەخمىنەن ئەللىككە يەتكەن. كېيىن شەھەرلەر بىلەن كىنەزلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت پەسەيگەنىلىكتىن، 1257-يىلى ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلگەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەنە قۇرۇلغان. 1381-يىلى سۋابىن شەھەرلەر ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن. 1388-يىلى ۋورمىس ئەتراپىدا كىنەزلىكلەر تەرىپىدىن يېڭىلىپ خارابلاشقان. تەخمىنەن 1450-يىلى ئاخىرىقى ھېسابتا پارچىلىنىپ كەتكەن.