Uyghur主要词典
بېزەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۈزەل كۆرسىتىدىغان دەپ ھېسابلانغان ھەر خىل نەرسىلەر.
سۆزۈڭنى بېزەتمەك بولساڭ گەر تىلەك، راستلىقتۇر سۆزۈڭگە ئەڭ ياخشى بېزەك. سۆزلىسەڭ، راست سۆزلەشنى قىل ئادەت، راستلىقتىن بارمۇ ياخشى زىبۇزىننەت. تاغنىڭ زىننىتى قورام تاش، ئادەمنىڭ زىننىتى ئۈستىباش. خوتۇن كىشىنىڭ جابدۇقى تولا. چىرايلىققا پەردازنىڭ لازىمى يوق.
شىۋىلەر
زىننەت، ياسىداق، ياسانچۇق، ساختا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مارجان، بىلەزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى، زىبۇزىننەت.
قىز - جۇۋانلار قۇلاق، بۇيۇنلىرىغا، بارماق ۋە بىلەكلىرىگە ئالتۇن بېزەكلەر تاقاپتۇ.
بىرەر نەرسىگە ئىشلەنگەن نەقىش، گۈل.
تامغا قاپارتما شەكلىدە ئىشلەنگەن بېزەكلەر نەملىشىپ بۇزۇلۇشقا باشلىغانىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بېزەك، بېزەلگەن، زىننەتلىك.