Uyghur←Chinese主要词典
بىخ سپورا
بىئولوگىيە
芽孢
yábāo
<ئىچكى سپورا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى باكتېرىيىلەر بەلگىلىك ئۆسۈش مەزگىلىدە (مەسىلەن، تۇراقلىق ئۆسۈش مەزگىلىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى) ھۈجەيرىسى ئىچىدە بىر دانە بىخ سپورا ھاسىل قىلىدۇ. بىخ سپورىلىق تاياقسىمان باكتېرىيە تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكلىنى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئارقىلىق كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، ئۇ بىخ سپورا ھاسىل قىلىش جەريانىدا ئوق يىپ شەكىللىنىش، توسۇق پەردە شەكىللىنىش ئالدىنقى سپورا شەكىللىنىش، پوستلاق قەۋەت بېرىشتىن ئىبارەت يەتتە دەۋرنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بىر دانە باكتېرىيە ھۈجەيرىسى پەقەت بىر دانە بىخ سپورا كۆپىيىش تەنچىسى بولماستىن، بەلكى بىر خىل تىنچلىنىش تەنچىسىدىن ئىبارەت ئۇ ھۈجەيرىنىڭ مەركىزى ياكى بىر ئۇچىغا جايلىشىدۇ. بىخ سپورا ئاكتىپلىشىپ، مۇۋاپىق شارائىتتا بىخلىنىپ بىر دانە يېڭى ئوزۇقلىنىش تەنچىسىگە ئايلىنىدۇ. سپورىنىڭ پوستى قېلىن، تەركىبىدە سۇ ئاز، ھۈجەيرىسى ئىچىدە زور مىقداردا پېردىن دى كاربوكسى كىسلاتا قاتارلىق ماددىلار بولغاچقا، ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئىسسىقلىق قاتارلىق ئامىللارغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە قارشى تۇرۇشچانلىق كۈچى بولىدۇ. باكتېرىيە يوقىتىشتا، بىخ سپورىنىڭ ئۆلۈش تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئۆلۈش ۋاقتى باكتېرىيە يوقىتىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. بىخ سپورىلىق تاياقسىمان باكتېرىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىخ سپورىدىن قۇمساز تۇپراق سپورىسى ياساپ باكتېرىيە سورتلىرى ساقلىنىدۇ.
دېھقانچىلىق
芽孢
yá bāo