Uyghur主要词典
بىخ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ئۆسۈپ چىققىنى، ياش ۋاقتى.
«بىخ» دەل - دەرەخنىڭ يېڭىلا چىققىنى، «ناتا» خېلى ئۆسكىنى.
«مايسا» زىرائەتنىڭ يېڭى ئۆسۈپ چىققىنى.
ئەتىياز كەلدى، دەرەخلەر بىخ سۈردى. ياغاچنى نوتا چېغىدا ئەگ. مايسىنى يولۇپ ئۆستۈرمەك _ ئەخمەقلىق.
بىئولوگىيە
غول، يوپۇرماق ياكى گۈلنىڭ گۆدەك تەنچىسى. ئۇزىراپ غول ۋە يوپۇرماققا ئايلىنىدىغىنى، يوپۇرماق بىخى، گۈلگە ئايلىنىدىغىنى گۈل بىخى، يوپۇرماقنىمۇ گۈلنىمۇ ھاسىل قىلىدىغىنى ئارىلاش بىخ دەپ ئاتىلىدۇ، غول ياكى شاخنىڭ چوققىسىغا جايلاشقىنى قولتۇق بىخ دەپ ئاتىلىدۇ. غولدىكى ئورنى تۇراقسىز بولۇپ يىلتىز، يوپۇرماق قاتارلىق ئورۇنلاردا ھاسىل بولىدىغان بىخ تۇراقسىز بىخ دەپ ئاتىلىدۇ ئۆسۈملۈكلەر زەخىمىلەنگەندە زەخمىلەنگەن ئورۇندىن ئاسانلا تۇراقسىز بىخ ھاسىل بولىدۇ. بىر تۈپ ئۆسۈملۈكتە نۇرغۇنلىغان بىخ بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملا ئۆسىدۇ، قالغانلىرى ئۇيقۇ ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئۆسىدىغىنى ھەرىكەتچان بىخ، ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرىدىغانلىرى ئۇخلىغۇچى بىخ دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىنكىسى بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا قايتىدىن ھەرىكەتلىنىدۇ. يوپۇرماق بىخى ئۆسۈش نۇقتىسى، يوپۇرماق كۆتىكى، بىخ تەڭگىچىسى قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىخ تەڭگىچىسى بىخنىڭ قوغدىغۇچى قۇرۇلمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۆتىدىل بەلباغدىكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىخىدا تەڭگىچە بولۇپ، ئادەتتە تەڭگە بىخ دەپ ئاتىلىدۇ. سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىخىدا تەڭگىچە بولمايدۇ، بەلكى يۇمران يوپۇرماق ئوراپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ يالىڭاچ بىخ دەپ ئاتىلىدۇ. بىخ ئۆسۈپ شاخقا ئايلانغاندىن كېيىن بىخنىڭ چوققىسىدىكى ئۆسۈش نۇقتىسى داۋاملىق ساقلىنىدۇ. يوپۇرماق كۆتىكى يوپۇرماققا ئايلىنىدۇ، قولتۇق بىخ كۆتىكى قولتۇق بىخنى ھاسىل قىلىدۇ، بىخ تەڭگىچىسى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز، غول ۋە شاخلىرىدىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان قىسمى، تېرىلغان ئۇرۇقلاردىن چىققان ئۈندۈرمە.
بىخ سۈرمەك. بىخ چىقارماق.
سۈپ <بىئول> بىخ ھالەتتىكى، يېڭى.
بىخ سپورا.
ئى. كۆچمە. مەيدانغا كەلگەن يېڭى يۈزلىنىش، خاھىش.
بۇ زىدىيەت ھازىرقى زاماندىكى بارلىق توقۇنۇشلارنىڭ بىخلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابلىمىت سابىرنىڭ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982 - يىل 7 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <قىممەتلىك گىياھ>، <جاراڭلىق داڭ ئاۋازى>، <ھەسرەت> قاتارلىق ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ھېكايىلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.