Uyghur主要词典
بىۋاسىتە سېزىم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىدىيالىستلار بىۋاسىتە سېزىمنى ئىچكى بىۋاسىتە كۆزىتىشتىكى پەۋقۇلئاددە ئىقتىدار ۋە ئىلھام دەپ چۈشىنىدۇ. ئۇلار ئاشۇ خىل ئىلھامدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي رېئاللىقتىن ئايرىلغان ھالدا لوگىكىلىق پائالىيەتلەرسىزمۇ ھەقىقەتنى بىلەلەيدۇ دەپ چۈشىنىدۇ ۋە بېرىپ - بېرىپ، ئاڭ بىلەن بەزى مەسلىلەرنى <ئۇشتۇمتۇت> لا ھەل قىلىۋېتىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
بىۋاسىتە سېزىم كۆز قارىشى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھۇرۇنلۇقىنى، رېئال تۇرمۇشقا چۆكمەسلىكنى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى قىياسەن بىر تەەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.