Uyghur主要词典
بۇزۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىپپەت _ نومۇسىنى ساتىدىغان خوتۇن.
جالاپ قېرىسا بۇۋى بولار. پاھىشە خوتۇن _ پاخشە خوتۇن. بۇزۇق خوتۇن ئەرنى بۇزىدۇ. قىزىلئىشتان يۇرتقا ئاپەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۇزۇلغان، سۇنغان.
ساق ، پۈتۈن
بۇزۇلمىغان.
ساق تۇخۇمغا چىۋىن قونماس. خوتۇنى ياماننىڭ قازىنى سۇنۇق، ئېرى ياماننىڭ پىچىقى پۇچۇق. بۇزۇق ئوقيا ئاتقاننىڭ ئۆزىمۇ قورقار، ئالدىدىكى ئاەممۇ قورقار. نېنى پۈتۈننىڭ تېنى پۈتۈن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇزۇق.
بۇزۇلغان. بۇزۇق ئەۋ _ بۇزۇق ئۆي. بۇزۇلغان، يىقىلغان ھەر قانداق نەرسىگىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ.
1 - 490
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بۇزۇلۇپ ئىشلىمەيدىغان ھالغا كەلگەن، ئىشتىن چىققان.
بۇزۇق تراكتور.
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار، ئەخلاقسىز.
بۇزۇق ئايال.
نىيىتى يامان؛ نىيىتى، پەيلىنى بۇزغان؛ يامان نىيەتكە كەلگەن.
بىز بۇزۇق ئادەملەرنى قەتئىي جازالايمىز.