Uyghur主要词典
بۇزماق
بىئولوگىيە
بۇزماق؛ پارچىلىماق؛ قىرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر يۈرۈش ياكى بىر پۈتۈن نەرسىنى پاچىلىماق، چۇۋۇماق، سۆمەك، ئاغدۇرماق، ۋەيران قىلماق، كېرەكتىن چىقارماق.
ئۆينى بۇزماق. ماشىنىنى بۇزماق.
يوق قىلىۋەتمەك، يوقاتماق.
ئۇ شىمنىڭ قىرىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن تىزىنى ئۈستىگە سەل تارتىپ ئاۋايلاپ ئولتۇردى.
يرامسىز، لايىقسىز، سۈپەتسىز قىلىپ قويماق؛ ئەپلەشتۈرەلمەي قالماق.
ئۇ تۇزنى تەڭشىيەلمەي، ئاشنى بۇزۇپ قويۇپتۇ.
ھەقىقەتتىكىدىن، ئەسلىدىكىدىن باشقىچە قىلىپ ئىپادىلىمەك (گەپ - سۆز ھەققىدە).
ئۇ يېتىپ كېلىپ نادەمنىڭ مەيدىسىگە نوقۇپ: - ما ياققا ماڭ، بىزنىڭ سەينى ئالىدۇ مەن پۇل بېرىدۇ، - دېدى ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەپ.
مەۋجۇت ۋەزىيەتنى، كەيپىياتنى، ھالەتنى ئۆزگەرتمەك؛ دەخلى قىلماق.
تىنچلىقنى بۇزماق. جىملىقنى بۇزماق. تەلەتىنى بۇزماق.
ماس كەلمەي قالماق، نۇقسان يەتكۈزمەك.
يېڭى سېلىنغان بىنالار ئارىسىدىكى بۇ قەدىمىي ئۆيلەر قورۇنىڭ يېڭىچە ھۆسنىنى بۇزۇپ تۇراتتى.
بەربات قىلماق، بىكار قىلماق، يوققا چىقارماق.
پىلاننى بۇزماق.
ئىشنى يەنىلا نۇرمۇھەممەت بۇزدى.
رىئايە، ئەمەل قىلماي، خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماق، چاتاقلاشتۇرماق، ئايرىۋەتمەك.
ئارىنى بۇزماق. ئائىلىنى بۇزماق.
يامان ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار (ماقال).
ئەسلىدىكى چەكنى بۆسۈپ ئۆتمەك؛ ھالقىماق.
رېكورتنى بۇزماق.
روھىي جەھەتتىن چىرىتمەك؛ توغرا يولدىن ئازدۇرماق؛ ئاينىتماق.
چاقنى بۇزغان خانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى (ماقال).
ئىپپەت - نومۇسىنى دەپسەندە قىلماق، ئىپپەت - نومۇسىغا تەگمەك، ئاياغ ئاستى قىلماق (قىزلار ھەققىدە).
نامەتنىڭ پۇل بىلەن ياش قىزلارنى بۇزغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىيالىغا ئاساسەن يېقىندا ساقچى ئىدارىسى ئۇنى قولغا ئالدى.
بىھۇدە سەرپ قىلماق، ئىسراپ قىلماق، زايە قىلماق.
پۇلنى بۇزماق.