Chinese→Uyghur主要词典
布汶战役
دۇنيا تارىخى
بوئۇۋېنېس ئۇرۇشى
فرانسيە كورۇلى فىلىپپى Ⅱ نىڭ ئەنگلىيە كورۇلى جەن (زېمىنى يوق شاھ) نى شۇنىڭدەك ئىتتىپاقدىشى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئوتتۇرا Ⅳ نى مەغلۇپ قىلغان ئۇرۇش. جون (زېمىنى يوق شاھ) ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پىلانتاگېنېت خاندانلىقىنىڭ فرانسىيىدىكى قولدىن كەتكەن زېمىنىنى جۈملىدىن نورماندىيە، مايىن، ئافژۇلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان، 4121-يىلى 7-ئايدا ئىككى تەرەپ بوئۇۋېنېس (بۈگۈنكى فرانسىيىىڭ نور ئۆلكىسى تەۋەلىكىدە) تا قاتتىق ئۇرۇشقان. فرانسىيە غەلىبە قىلىپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، ئەنگلىيە پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن. ئوتتۇ Ⅳ نىڭ مەغلۇبىيىتى ئۆزى بىلەن تەخت تالاشقۇچى فرىدىرىخ Ⅱ (كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى بولغان) قا پايدىلىق بولغان.