Chinese→Uyghur主要词典
不完全变态
بىئولوگىيە
مۇكەممەل بولمىغان ھالەت ئۆزگەرتىش
<تولۇقسىز ھالەت ئۆزگەرتىش> ياكى <بىۋاسىتە ھالەت ئۆزگەرتىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ بىر خىل ھالەت ئۆزگەرتىش شەكلى. ئۇنىڭ تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا <قورچاق> باسقۇچى بولمايدۇ. پۈتۈن جەريانى تۇخۇم، نىمفا (ياكى نائىياد) ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەكىل ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يەنە بىر نەچچە خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ ئاساسلىقى تەدرىجىي ھالەت ئۆزگەرتىش ۋە يېرىم ھالەت ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. كۆپچىلىك ئەھۋالدا، لىچىنكا بىلەن يېتىلگەن قۇرتنىڭ مورفولوگىيىسى ھەم ياشاش ئۇسۇلى ئوخشاپ كېتىدۇ، تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا سىرتقى مورفولوگىيىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئېنىقراق بولىدىغىنى شۇكى، پەقەت قانات ۋە سىرتقى كۆپىيىش ئورگىنى شەكىللىندىۇ، ئىچكى ئورگانلىرىدا جىددىي ئۆزگىرىش بولماستىن كۆپىيىش ئورگىنىنىڭ يېتىلىشى بىلەنلا بىۋاسىتە يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ، بۇنداق ئۆزگىرىش تەدرىجىي ھالەت ئۆزگەرتىش دېيىلىپ، لىچىنكىسى نىمفا دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، چېكەتكىنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىشى، يېرىم ھالەت ئۆزگەرتىدىغانلارنىڭ لىچىنكىسى بىلەن يېتىلگەن قۇرتى مورفولوگىيە ۋە ياشاش ئادىتى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. يېتىلگەن قۇرتى قۇرۇقلۇقتا، لىچىنكىسى سۇدا ياشىسا، بۇنداق لىچىنكىلار نائىياد (بالا لىچىنكا) دېيىلىدۇ، مەسىلەن، يىڭناغۇچنىڭ لىچىنكىسى. سۈۋەرەك، لەيلەمچۈك، چۇسا، پىت، چېرېپاشكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل بولمىغان شەكىل ئۆزگەرتىش تىپىدىكى ھاشاراتلار ھېسابلىنىدۇ.
باغۋەنچىلىك
bú wán quán biàn tài
قىسمەن ھالەت ئۆزگەرتىشDتېببىي
bú wán quán biàn tài
تولۇقسىز ھالەت ئۆزگىرىشDدېھقانچىلىق
bú wán quán biàn tài
چالا ھالەت ئۆزگەرتىش