Uyghur←Chinese主要词典
بۇشمان مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
布什曼文化
bù shí màn wén huà
ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇشمانلار تەرىپىدىن قىيا تاشلارغا ئىشلەنگەن ئويما سۈرەتلەر. رودېزىيە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى داراكېنسىبېرگ تېغى، ناتال، كاپ ۋە نامبىيىدىكى براندبېرگ ئەتراپلىرىغا بىرقەدەر مەركەزلەشكەن. سۇژىتلارنىڭ كۆپىنچىسى ھايۋانلار ۋە غەلىتە تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە ھەم غەلىتە كىيىم كىيگەن ئادەم رەسىملىرىدىن ئىبارەت. سۇژىتلاردا ھاۋاين، بېلىق، قۇش، قۇرتلار ھەم ئوۋ ئۋلاۋاتقان، بېلىق تۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر، يەنە شۇنىڭدەك جەڭ، ئۇسسۇل، دەپنە قىلىش، يامغۇر تىلەش، مۇزىكا چېلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار، ھايۋان رەسىملىرى بىرقەدەر رېئال سىزىلغان، بىراق ئادەم سۈرەتلىرى پەقەت ئىزناسىلا چىقىرىلغان سىزىقچە رەسىملەردىن ئىبارەت بۇ سۈرەتلەرنى ئومۇمەن ئالتە تىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سىزىلغان دەۋرى توغرىسىدا ئوخشاشمىغان قاراشلار بار. بىر تۈرلۈك قاراشتىكىلەر تەخمىنەن بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 10 مىڭ يىلدىن تارتىپ سىزىلىشقا باشلىغان دېسە، يەنە بىر تۈرلۈك قاراشتىكىلەر بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى سىزىلغان دەيدۇ. كاربون - 14 ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ دەۋرى مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىدىن تارتىپ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولۇپ، داۋاملاشقان يىلى بەك ئۇزۇن بولغان.