Uyghur主要词典
بۇشاتلى خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
Ⅹ - ⅨⅩ ئەسىرلەردىكى ئالبانىيىدىكى فېئودال خاندانلىق. گېرتسوگ دۇكاجىن قۇرغان. بۇشاتلى جەمەتى ھۆكۈمرانلىق قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1757-يىلى بۇشاتلى سىكودا فېئوداللىرىنىڭ ئىچكى نىزالىرىدىن پايدىلىنىپ سىكودا ھۆكۈمرانى بولۇۋېلىپ، ئالبانىيىنىڭ شىمالىي رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە ئوسمان ئىمپېرىيىسى سۇلتانى تەرىپىدىن <مۇتەسەررف> (مەنىسى <باشلىق> دېگەنلىك) ئوتۇغان نامى بېرىلگەن، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان 16 يىل جەريانىدا شەھەردە تىنچ تەرتىپ ئورنىتىپ شەھەرلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، تەسىر كۈچىنى سانجاقنىڭ سىرتىغىچە كېڭەيتكەن. تۈركىيىگە ئولپان تۆلىمىگەنلىكتىن، 1775 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئادەم ئەۋەتىپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇشاتلى جەمەتىدىن مۇستافا بۇشاتلى، مەھمۇد پاشا بۇشاتلى، ئىبراھىم پاشاتلى، ئىبراھىم پاشا بۇشاتلىلار داۋملىق تەختتە ئولتۇرغان. 1831-يىلى تۈركىيە قوشۇنى سىكودا باشار رايونىغا ھۇجۇم قىلغاندا مۇستافا پاشا سۇلتانىغا ئەل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خاندانلىق يوقالغان.