Chinese→Uyghur主要词典
布沙特利王朝
دۇنيا تارىخى
بۇشاتلى خاندانلىقى
Ⅹ - ⅨⅩ ئەسىرلەردىكى ئالبانىيىدىكى فېئودال خاندانلىق. گېرتسوگ دۇكاجىن قۇرغان. بۇشاتلى جەمەتى ھۆكۈمرانلىق قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1757-يىلى بۇشاتلى سىكودا فېئوداللىرىنىڭ ئىچكى نىزالىرىدىن پايدىلىنىپ سىكودا ھۆكۈمرانى بولۇۋېلىپ، ئالبانىيىنىڭ شىمالىي رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە ئوسمان ئىمپېرىيىسى سۇلتانى تەرىپىدىن <مۇتەسەررف> (مەنىسى <باشلىق> دېگەنلىك) ئوتۇغان نامى بېرىلگەن، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان 16 يىل جەريانىدا شەھەردە تىنچ تەرتىپ ئورنىتىپ شەھەرلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، تەسىر كۈچىنى سانجاقنىڭ سىرتىغىچە كېڭەيتكەن. تۈركىيىگە ئولپان تۆلىمىگەنلىكتىن، 5177ىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئادەم ئەۋەتىپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇشاتلى جەمەتىدىن مۇستافا بۇشاتلى، مەھمۇد پاشا بۇشاتلى، ئىبراھىم پاشاتلى، ئىبراھىم پاشا بۇشاتلىلار داۋملىق تەختتە ئولتۇرغان. 1831-يىلى تۈركىيە قوشۇنى سىكودا باشار رايونىغا ھۇجۇم قىلغاندا مۇستافا پاشا سۇلتانىغا ئەل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خاندانلىق يوقالغان.