Uyghur主要词典
بۇرۇن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . سەزگۈ ئەزاسى، پۇراش، نەپەسلىنىشكە خىزمەت قىلىدۇ.
پۇچۇق بۇرۇن، ھەمەك بۇرۇن، بۇرنىنى تاشلىماق، بۇرنىنى تارتالماي قالماق، بۇرنىدىن بۇلاق بولماق، بۇرنىدىن يېتىلىمەك. * بۇرنىغا سۇ كىرمەك، بۇرنىغا ئىككى قولىنى تىقىپ قالماق، بۇرنىغا مۇشت يېمەك، بۇرنىغا يېمەك. * بۇرنى قۇلىقىغىچە تويماق، بۇرنى كۆپمەك، بۇرنى قانىماق. * بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەك. * بۇقىنىڭ ئۆزى قېرىسىمۇ، بۇرنى قېرىماس (ماقال). بۇرنىغا يېمىگۈچە موللا بولماس (ماقال).
2 . قوغۇن - تاۋۇز قاتارلىقلارنىڭ ساپىقى بار يېرىنىڭ قارشى تەرىپى. قوغۇننىڭ بۇرنى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
ئىلگىرى، ئاۋۋال، بالدۇر.
بۇرۇنقى، بۇرۇندىن، بۇرۇنقىلار، بۇرۇن زاماندا. * تويغا بارساڭ بۇرۇن بار، بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار (ماقال). * بۇرۇن تاغ ئايلىنىپ كەلسە، ھازىر باغ ئايلىنىپ كېلىدۇ (ماقال).
بىر بۇرۇن كۆردۈم بۇرۇن.
ھەممە بۇرۇنلاردىن بۇرۇن.
ئاش ئىچسە، بۇرنى ئىچىدۇ،
قوشۇق ئالماستىن بۇرۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ۋاقىتىنىڭ باشلىنىش رېتى.
ئەرزان بەرگەن ئاۋۋال ساتار. ئاۋۋال ئويلا، كېيىن سۆزلە. ئالدى بىلەن ئېتىڭنى تاقىلا، ئاندىن يول ياقىلا. ئاتا - ئانىنى خارلىغان ئىلگىرى باسماس. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز يامان. بالدۇر بولسۇن، كېيىن بولسۇن. گۆش بىلەن پىچاق دوست بولسۇن. ھەر ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى بار. ھەقامساينىڭ قىزىنى كۆرۈڭ، دەسلىپىدە بەردى كۆڭۈل، ئاخىرىدا نازىنى كۆرۈڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مەلۇم ۋاقىتتىن، چەكتىن ئىلگىرى.
كەچ ، كېيىن
مەلۇم ۋاقىت، چەكنىڭ ئاخىرىدا.
بالدۇر تېرىغان ئاش ئالار، كەچ تېرىغان شاخ. تويغا بارساڭ بۇرۇن بار، بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار. ئالدىرىغان كەچ قالار. خۇدايىم بار دەپ ئاچ قاپتۇ، ئېشىكىم بار دەپ كەچ (قاپتۇ). بالدۇرمۇ كەلمە، كېيىنمۇ قالما. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ. سۇدىن ئۆتسەڭ بۇرۇن ئۆت، ئۆتكەننى كۆرىسەن، مۇزدىن ئۆتسەڭ كېيىن ئۆت، ئاققاننى كۆرىسەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇرۇن.
1 - 518
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇرۇن، تۇمشۇق.
تاغ بۇرنى _ تاغ تۇمشۇقى. ھەر قانداق نەرسىنىڭ باش بۇرنىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
1 - 518
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇرۇن، ئىلگىرى.
ئول مەندىن بۇرۇن باردى _ ئۇ مەندىن بۇرۇن كەتتى. بۇ سۆز پەقەت مەنە جەھەتتە ئەرەپچىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
1 - 518
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن باشلاپ تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان سەزگۈ ئورگان. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار مەسىلەن، قوش ماكانلىقلار، يەر باغىرلىغۇچىلار، قۇشلار بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، مەسىلەن ئىنسانلارنىڭ بۇرنى نەپەسلىنىش ھەم پۇراش سېزىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل فونكسىيىگە ئىگە. ئادەمنىڭ بۇرنى تاشقى بۇرۇن، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن يان كاۋىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىغا بۆلۈنىدۇ. تاشقى بۇرۇن يۈز قىسمىغا ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقىنى قوغداش رولىغا ئىگە. بۇرۇن بوشلۇقى بۇرۇن تۆشۈكى (تاشقى بۇرۇن تۆشۈكى) دىن تارتىپ يۇتقۇنچاققىچە بولغان يولدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇنىغا كەتكەن پاسىل - بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى، بۇرۇن بوشلۇقىنى ئوڭ - سول ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ تۇرىدۇ، ھەر يېرىم بوشلۇقىنىڭ سىرتقى يان دىۋارىنىڭ ھەرقايسىسىدا ئۈچتىن يۆگىمەچ ئۆسۈكچە بولۇپ، ئايرىم ھالدا ئۈستۈنكى، ئوتتۇرا، ئاستىنقى بۇرۇن قالقىنى دېيىلىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە يەنە ئۈستۈنكى، ئوتتۇرا، ئاستىنقى بۇرۇن يوللىرى شەكىللەنگەن. بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ تۈپە قىسمىدىكى ئۇزۇنىغا كەتكەن بۇرۇن پاسىلىنىڭ ئىككى يېنى ھەمدە ئۈستۈنكى بۇرۇن قالقىنىنىڭ ئەتراپىدىكى شىلىمشىق پەردىلەر (پۇراش شىللىق پەردىسى) پۇراش سېزىمى رېتسېپتورلىرى جايلاشقان ئورۇنلار بولۇپ، ئۇنىڭدا پۇراش سەزگۈ ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ، ھۈجەيرە سىرتقى يۈزىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتا ئىرىگە ئۇچۇچان گاز ماددا مولېكۇلىلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ قوزغىلىش پەيدا قىلالايدۇ، ھەم نېرۋىلار ئارقىلىق مېڭە قىسمى مەركىزىگە يەتكۈزۈپ پۇراش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئاستىنقى قىسمى شىللىق پەردىسىدە قان تومۇرلار مول بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرگەن ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىك دەرىجىسى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا بۇرۇن تۈكلىرى بولۇپ، چاڭ - توزانلارنى سۈزۈپ قالالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇن بوشلۇقى يەنە بۇرۇن ياكى كاۋاكلىرى (ماڭلاي كاۋىكى، ئۈستۈنكى جاغ كاۋىكى، كېپىنەكسىمان كاۋاك، غەلۋىرسىمان كاۋاك) بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىدۇ. بۇرۇن يان كاۋاكلىرى ئاۋازغا قارىتا رىزونانىسلىق رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ شىللىق پەردىلىرى ئاجرىتىش فۇنكىسيىسىگە ئىگە ھەمدە نۇرغۇنلىغان كاپىلليار تومۇرلىرى بولىدۇ، شۇڭا سۈمۈرۈلگەن ھاۋانى نەملەيدۇ ۋە يىللىتىدۇ.
بىئولوگىيە
بۇرۇن (ھايۋان بۇرنى )
بىئولوگىيە
ئاۋۋال، بۇرۇن، ئىلگىرى (ۋاقىت رەۋىشى)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئىلگىرى، ئىلگىرىكى چاغلاردا.
بۇرۇن بىر يېزىدا ئوبۇل دېگەن بىر كىشى بار ئىكەن.
ۋەقە، ھادىسە ياكى شۇ ھەقتە سۆز بولۇۋاتقان پەيتتىن ئالدىن، بالدۇر.
تويغا بارساڭ بۇرۇن بار، بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار (ماقال).