Uyghur主要词典
بۇرھانىددىن
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
دىننىڭ دەلىلى، ئاساسى، شاھادىتى ياكى دىن قورۇقچىسى، دىننى دەلىللىگۈچى. ئوتتۇرا ئەسىر ھۆكۈمدارلىرى ئۆزلىرىنى بۇرھانىددىن، يەنى دىننى ئاسرىغۇچى دەپ يۈرۈشكەن ۋە بۇ سۆز ئۇلارنىڭ پەخرىي ئۇنۋانى بولغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 16 - ئەۋلادى ئىكەن. 1265 - يىلىدىن 1274 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگوغا كەلگەن. ياڭجۇدا تۇرۇپ، قايتىپ كەتكەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن جۇڭگوغا يەنە كەلگەن. بۇ قېتىم شەرقتىكى رايونلارنى ئايلىنىپ، ئاخىر ياڭجۇغا بارغان. 1275 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ياڭجۇ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى شۇيگۇەنخېنىڭ دۇڭگاۋگاڭغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە ساق تۇرۇپتۇ. 1776 - يىلى قايتىدىن سېلىنغان قەبرە تېشىغا: <سۇن دېيۇنىڭ بىرىنچى يىلى، پەيغەمبەرنىڭ غەربىي دىياردىن كەلگەن 16 - ئەۋلادى. ئۇلۇغ ئەۋلىيا بۇرھانىدىن> دېگەن خەتلەر ئۇيۇلغان.