Uyghur←Chinese主要词典
بۇرگېنلاند مەسىلىسى
دۇنيا تارىخى
布尔根兰问问题
bù ěr gēn lán wèn wèn tí
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيە ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن ماجىراسى. ۋېنگرىيىنى غەربىي قىسمىدىكى پرېسبۇرگ، ۋېسېلبۇرگ، ئۆدېنبۇرگ ۋە ئېسسېنبۇرگ تىن ئىبارەت تۆت شتاتنىڭ نامىنىڭ ئاخىر ھەممىسىلا بولغانلىقتىن، بۇ رايونلار بىرلەشتۈرلۈپ <بۇرگېنلاند> (قەلئە شتاتى) دەپ ئاتالغان. بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپچىلىكى گېرمان تىلىدا سۆزلشەتتى. 1919-يىلىدىكى <مۇقەددەس گېرمانىيە سۈلھ شەتنامىسى> ۋە 1920-يىلىدىكى <ترىيانون سۈلھ شەرتنامىسى> گە ئاساسەن بۇ رايون ئاۋستىرىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەچكە، ۋېنگرىيە - ئاۋسترىيە زېمىن ماجىراسى كېلىپ چىققان. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە چېگرىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان. 1921-يىلى 8-ئايدا، ئاۋسترىيە ژاندارمىسى بۇرگېنلاندقا كىرگەن ۋاقتىدا ۋېنگرىيە ئارمىيىسى بىلەن خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، كېيىن ئىتالىيىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئۆدېنبۇرگنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق بېكىتىش تەكلىپى بېرىلگەن بولسىمۇ، نەتىجىسىز قالغان. ئەڭ ئاخىرىدابۇرگېنلاند ئاۋسترىيە بىلەن بىۋاسىتە قوشۇلماستىن، بەلكى ئۆز ئالدىغا فېدىراتسىيە دۆلىتى بولۇپ، ئاۋسترىيە ئىتتىپاقىغا قاتنىشىش بەلگىلەنگەن. 1921-يىلى 12-ئايدا ئاۋسترىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.