Uyghur主要词典
بۇرغا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مۈڭگۈزدىن ياسالغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابى.
بۇرغا چالماق، بۇرغا ساداسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كانچىلىق ئاتالغۇسى. قېزىش، تېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
نېفىتلىكتە بۇرغا بىلەنيەر قېزىۋاتقان ئىشچىلار نېمىدۇر بىر نېمە ئۈستىدىن بەس - مۇنازىرە قىلىۋاتاتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىستىن ياسالغان، نەيچىسى ئۇزۇن، ئاغزى كەڭ، پۈۋلەپ چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى.
«سۈپۈتمۆرە» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
كانايغا ياغ يوق، سۇنايغا ياغ نەدە. بۇرغا چالغاننىڭ ئوۋچى بولۇشى ناتايىن.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
ۇ يەللىك چالغۇ بولۇپ، كالا، ئۆچكە مۈڭگۈزى ياكى مىستىن ياسىلىپ، تۈز تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇلار ئىچىدە ئاۋاز كۈچى ئەڭ زور، ياڭراق بولغاچقا، قەدىمكى ئۇرۇشلاردا كۆپ قوللىنىلغان. ئۇ دەسلەپتە كالا ۋە ئۆچكە مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، مىس قوراللار دەۋرىدە مىستىنمۇ ياسالغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 - 30 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە، يېرىم ئەگمە شەكىلدە بولىدۇ. ئۇچلۇق ئۇچىدا بىر دانە پۈۋلەش تۆشۈكى بولۇپ، يوغان ئۇچى كېسىۋېتىلىپ كاناي شەكلىدە ئىچى ئويۇلۇپ ياسىلىدۇ، بارماق تۆشۈكلىرى بولمايدۇ.
بۇرغا ئەسلىدە ئىسقىرتتىن (بىر خىل قەدىمكى چالغۇ) كېلىپ چىققان بولۇپ، تارىخىي خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، يېڭى قورال دەۋرىدىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. مىس قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، بۇرغا مىستىن ياسىلىپ <مىس بۇرغا> دەپ ئاتالغان. <نەغمىنامە> نىڭ 125 - جىلدىدا: <مىس بۇرغا ئىدىقۇتلۇقلارنىڭ چالغۇسى ئىدى> دەپ خاتىرىلەنگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ماشىنىسازلىق
كانچىلىق، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، گېئولوگىيىلىك قىدىرىش ۋە شۇ قاتارلىق ئىشلاردا قېزىش، كولاش، تېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كالا، تاغ تېكىسى قاتارلىقلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسىلىدىغان، پۈۋلەپ چېتىلىدىغان، بىر خىل قەدىمىي چالغۇ ئەسۋابى.