Uyghur←Chinese主要词典
بۇربانك
دۇنيا تارىخى
布尔一览班克
bù ěr yì lǎn bān kè
(1849 - 1926) ئامېرىكىلىق بوتانىك. ماسساچۇسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1875-يىلى كالفورنىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش جەھەتتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. جەمئىي 800 خىلغا يېقىن يېڭى كۆكتات، مېۋىنى يېتىشتۈرگەن. مېۋىلىك دەرەختىن ئۇرۇقسىز ئالۇچا، تىكەنسىز قارا بۆلجۈرگەن، ئالۇچا بىلەن ئۆرۈكنىڭ چەتتىن چېتىشتۇرغان تۈرى - ئالۇچا ئۆرۈكى قاتارلىقلار؛ كۆكتاتلاردىن: پەمىدۇر، كاۋا، سەربىل ۋە كۆك پۇرچاق قاتارلىق يېڭى سورتلار بار؛ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرىدىن: ئەتىرگۈل، ئەپيۇنگۈل گۈلى، ئاق نېلۇپەر گۈلى قاتارلىقلار بار ھەمدە تىكەنسىز كاكتوسنى يېتىشتۈرۈپ، قۇرغاق رايونلارنىڭ يەم - خەشەك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئۇنىڭ ئۇرۇق ېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى تاللاش ۋە يىراق قانداشنلىقلارنى چەتتىن چېتىشتۇرۇشتىن ئىبارەت. جانلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش نەزەرىيىسىدە ئۆزىگە خاس كۆز قاراشقا ئىگە. ئۇنىڭ <ئۆسۈملۈكلەرنى قانداق قىلغاندا ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.