Chinese→Uyghur主要词典
布琼尼
دۇنيا تارىخى
بودىيۇننى
(1883 - 1973) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1903-يىلى چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي سەپكە كىرىپ ئاتارلىق ئەسكەر بولغان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىغا ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، دون رايونىغا قايتىپ كېلىپ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئاتلىق ئەسكەرلەر بىرىنچى جۈنتۇەنىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ئوكرائىنا، كافكاز قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇشۇپ دىنكىن، ۋرانگېل ۋە پولشا ئەكسىيەتچى ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. 1919-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1924 - 1937-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ باش نارازەتچىسى بولغان. 1937 - 1939-يىللىرى موسكۋا ھەربىي رايونى قوماندانى بولغان. 1939 - 1940-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارىنىڭ مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى، بىرىنچى مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە غەربىي جەنۇب سەپنىڭ باش قوماندانى، غەربىي سەپ زاپاس قوشۇن قوماندانى، شىمالىي كاپكاز يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ قوماندانى بولغان، ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتىتپاقى ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان ( 1953 - 4195). ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى (1939 - 1952). سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت ھەيئەت رىياسىتىنى ئەزاسى (1938 - 1973) بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bù qióng ní
بۇديوننى