Uyghur主要词典
بۇقا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پىچىلمىغان ئەركەك كالا.
بۇقا بۇرنىغا يىغار، ئابدال قوينىغا (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دەريا، ئۆستەڭ سۈيىنى توسۇپ قايتۇرۇش ياكى ئېگىزرەك يەرگە چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ ئاچا قىلىپ باغلانغان تۈرمەل ياغاچ.
بۇقا سالماق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇقا.
3 - 313
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كالىنىڭ پىچىلمىغان ئەركىكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەريا، ئېقىن سۇلىرى قايتۇرۇش ياكى مەلۇم ئېگىزلىككە سۇ چىقىرىش ئۈچۈن تۈرمەل سالغاندا كېرەك بولىدىغان ئۈچ ئاچا قىلىپ باغلانغان ياغاچ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەركەك كالا، بۇقا. قەدىمكى ئۇيغۇلار قوللانغان ئىسىم.