Chinese→Uyghur主要词典
部民
دۇنيا تارىخى
مالايلار
ياپونىيىدىكى Ⅱ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى بولغان <بۇ> غا تەۋە ئەزالار. ئاساسەن <مەھسۇلات بۇسى> ۋە <ئېنتىز - ئېرىق بۇسى> غا تەۋە بولغان، ئۇنىڭ مەنبەسى بويسۇندۇرۇلغان ئۇرۇقداشلار، جىنايەتچىلەر ۋە چەتتىن كەلگەن ۆچمەنلەر. ئوردىغا بىۋاسىتە قارايدىغان ئىشلەمچىلەر كەسپى ۋە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، 180 نەچچە بۇغا بۆلۈنگەن. مەسىلەن، كىيىم تىكىش بۇسى، ئوقيا ياساش بۇسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن، ئۇنىڭغا ئەمەلدارلار قوماندانلىق قىلغان، كۆچمەنلەرنى ئەسلىدىكى گۇرۇھنىڭ باشلىقلىرى باشقۇرغان. ئاقسۆڭەكلەرگە تەۋەلىرى <مالايلار> دەپ ئاتالغان ھەم ئاقسۆڭەكنىڭ فامىلىسى قوشۇپ ئاتالغان، مەسىلەن، سۇۋۇبۇسى، جۇڭچىن بۇسى دەپ ئاتالغان. تايكايېڭلىقى دەۋرىدە بىكار قىلىنىپ، پۇقرالار تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن، لېكىن ئوردىغا بىۋاسىتە قارايدىغان ئاز ساندىكى ئىشلەمچىلەر داۋاملىق ساقلانغان.