Uyghur主要词典
بۇمارشىس
دۇنيا تارىخى
(1732 - 1799) فرانسىيىلىك كومېدىيە يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى پىتېرئاۋگۇستىن كارون ئىدى. پارىژدىكى بىر سائەتچى ئۇستىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇپ، 1753-يىلى سائەتنىڭ بىرخىل يېڭى زاپچىسىنى كەشىپ قىلغان. كېيىنئوردىدا خىزمەت قىلىپ، لوئى ⅩⅤنىڭ كاتىپى ۋە مەلىكىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كېيىن ھايانكەشلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، باي كارخانىچىغا ئايلانغان. 1757-يىلى فامىلىسىنى بۇمارشىسقا ئۆزگەرتكەن، 1761-يىلى ئاقسۆڭەك نامى بىرىلگەن. ۋولتېر ۋە دىدېرو ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ ئاتىغان. ئۇ ناھايىتى كۆپ پۇل چىقىرىپ <ۋولتېر ئەسەرلىرى>نى نەشىر قىلدۇرغان ھەمدە دىدېرونىڭ كومېدىيە نەزەرىيىسى بويىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۈچىنچى تەبىقە مەيدانىدا تۇرۇپ فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكىنى مەسخىرە قىلغان ۋە سۆككەن. 1775-يىلى شىمالىي ئامىرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكىغا قورال ياراق، ئوق دورا يەتكۈزۈپ بەرگەن. 1789-يىلى فرانسىيىدە بۈيۈك ئىنقىلاپ پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇھەم ئىنقىلابنى قارشى ئالغان، ھەم يەنە ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياكوبىن دىكتاتورىسى مەزگىلىدە ھامبۇرگقا قېچىپ كېتىپ، 1796-يىلىنىڭ بېشىدا پارىژغا قايتىپ كەلگەن. ئاساسلىق كومىدىيە ئەسەرلىرىدىن <فىگارونىڭ تويى>، <سېرۋىلدىكى ساتىراش>لار بار.