Chinese→Uyghur主要词典
布迈丁
دۇنيا تارىخى
بۇمەيدىن
(1925-1978)ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى(1976-1978). ئەسلى ئىسمى مۇھەممەدبۇخارۇبا بولۇپ، گېلىماغا ئەتراپىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1952-يىلى مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. قاھىرەدە ئالجىرىيە مىللەتپەرۋەرلىك گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ھەربىي تەلىم ئالغان. 1955-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، ئوران ئەتراپلىرىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 1957-يىلى مىللىي ئازادلىق سېپى 5-ھەربىي رايوننىڭ قوماندانى بولغان. ئىككىنچى يىلى غەربىي رايوننىڭ قوماندانى بولغان. 1960-يىلى مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1962-يىلى ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان، ئىككىنچى يىلى بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى بولغان. 6319-يىلى مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1965-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، بېن بېللا (1919-)ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنقىلابىي كومىتىتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاسىيائافرىقا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ، مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى قوغدىغان، چەت ئەل نېفىت شىركىتىنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان.