Uyghur←Chinese主要词典
بۇلوۋ ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
标洛联盟
biāo luò lián méng
خوتتېنتوتلار ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1907-يىلى گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن مىللىي لىبېراللار پارتىيىسى، ئەركىن ئىدىيىدىكىلەر پارتىيىسى قاتارلىقلارنىڭ پارلامېنتتا ئۇيۇشقان ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاقى. 1906 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىگە قارام غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىدىكى خوتتېنتوتلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئاجرىتىلغان خام چوتنى ماقۇللاشنى تەلەپ قىلغاندا، كاتولىك دىنىي مەركىزى پارتىيىسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، تەكلىپ رەت قىلىنغان. باش ۋەزىر بۇلوۋ پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن. 1907-يىلى 1-ئايدا پارلامېنت قايتىدىن سايلانغاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى، مىلىي لىبېراللار پارتىيىسى ۋە ئەركىن ئىدىيىدىكىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى پارلامېنتتا كۆپ ساننى ئىگىلەپ، <بۇلوۋ ئىتتىپاقى> نى تەشكىللىگەن، خەلق مەسخىرە قىلىپ <خوتتېنتوت ئىتتىپاقى> دەپ ئاتىغان. مەزكۇر ئىتتىپاق قوشۇلغان خام چوتنى دەرھال ماقۇللىغان. 1908-يىلى يەنە دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىش لايىھىسى ۋە ئەكسىيەتچىل بولغان يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. 1909 - يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىكىلەر كاتولىك دىنىي مەركىزىي پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ مىراس بېجى ئېلىپ قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلغانلىقتىن ئىتتىپاق پارچىلىنىپ، بۇلوۋ ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان.