Chinese→Uyghur主要词典
不勒斯一八二零至一八二一年革命
دۇنيا تارىخى
1820-1821-يىللاردىكى نىئاپول ئىنقىلابى
نىئاپول پادىشاھلىقى(ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1820-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىتالىيە كوكسچىلىرى ئىسپانىيە ئىنقىلابى غەلىبىسىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نىئاپول پادىشاھلىقىدا قوزغىلاڭ قىلغان. گېنېرال پېيى قوماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچى ئارمىيە تېز ۋاقىت ئىچىدە نىئاپول قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرنى تىزگىنلىگەن. قوزغىلاڭچىلار ۋېنا يىغىنىدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن فېئودال تەرتىپلەر بىلەن 1812-يىلدىكى ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇنىنى يولغا قويۇشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى كورۇل فېردىنادⅠئاساسىي قانۇن جاكارلاپ ھەمدە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى پارلامېنت چاقىرىشنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بىراق قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرى دېھقانلارنىڭ يەر تەقسىم قىلىپ بېرىش تەلىپىگە ئېتىبارسىز قارىغانلىقتىن، ئىنقىلابنىڭ ئاساسى ئاجىزلاپ كەتكەن. 1821-يىلى 3-ئايدا مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ قوللىشى بىلەن ئاۋستىرىيە فېردىناند Ⅰنىڭ تەلىپىگەئاساسەن ئەسكەر ئەۋەتىپ ئارىلاشقان، ئىنقىلاپ شۇنىڭ بىلەن ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلغان.