Uyghur←Chinese主要词典
بۇلانگېر ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
布朗热事件
bù lǎng rè shì jiàn
فرانسىيىدىكى بىر قېتىملىق شوۋېنىزملىق ۋەجۇمھۇرىيەتكە قارشى سۇيىقەست ۋەقەسى. رەھبىرىي بۇلانگېرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1886-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. بۇلانگېرنىڭ گېرمانىيىدىن ئۆچ ئېلىشنى بازارغا سېلىشى بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەت جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىك سىياسىتىدىن نارازى بولۇۋاتقان ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ يۇقىرى دولقۇن شەكىللەنگەن. مۇنارخىستلارنىڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە قارشى سۇيىقەستى نەتىجىسىدە 1889-يىلى 1-ئايدا نامايىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. لېكىن بۇلانگېر ئىش ئۈستىگە كەلگەندە ھولۇقۇپ قېلىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا پېتىنالمىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي بېلگىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەرىكەت ناھايىتى تېزلا پەسەيگەن. بۇ ۋەقە مۇنارخىستلارنىڭ تىرىلدۈرۈش سۇيىقەستىنىڭ يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.