Uyghur主要词典
بۇكلې
دۇنيا تارىخى
(1821 - 1862) ئەنگلىيە تارىخشۇناسى. ئىلگىرى كېسەلچان بولغاچقا مەكتەپكە كىرەلمەي ئۆزى جاپالىق ھالدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ چىققان. ئۇنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر دائىرىسىدە بىلىملىك بولۇپ، بىرنەچچە خىل چەت ئەل تىلىنى ئىگىلىگەن. 40-يىللاردىن باشلاپ ئىجتىھات بىلەن تارىخ ئۆگەنگەن. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت پىلانىنى تۈزۈپ چىققان، لېكىن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پىلانىنى ئورۇندىيالمىغان. ئۇ نوقۇل سىياسىي تارىخ يېزىشقا قارشى تۇرغان، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تارىخىي تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەرگەن؛ جۇغراپىيىۋى مۇھىتىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تەكىتلىگەن، تارىخ تەرەققىياتىنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ ھازىر دۇنياغا تارقالغان ئىككى توملۇق <ئەنگلىيە مەدەنىيەت تارىخى> ناملىق كىتابى غەرب تارىخشۇناسلىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.