Chinese→Uyghur主要词典
布坎南
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bù kǎn nán
بۇكانان
دۇنيا تارىخى
بۇكانان
(1791 - 1868) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1857 - 1861). دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزاسى. پېنسىلۋانىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1812-يىلى ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھەم روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1845 - 1849 - يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. 1856-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە 1857-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئۇچرىغان؛ قۇللۇق تۈزۈمنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ، قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە قارشى تۇرغان، ئالىي سوتنىڭ سىكوت توغرىسىدا چىقارغان ھۆكۈمىنى قوللىغان؛ بوروۋىن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، قۇلدارلار ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە كەتمەن چاپقان.