Chinese→Uyghur主要词典
布加勒斯斯特和约
دۇنيا تارىخى
بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى
1806 - 1812-يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامە. 8121-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇخارېستتا تۈزۈلگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە بىلەن تۈركىيە پرۇت دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، روسىيە بېسسارابىيە بىلەن سىرتقى كاپكازدىكى بىر قىسىم جايلارغا ئىگە بولغان؛ سېربىيە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلغان؛ مولداۋىيە بىلەن ۋالاخىيە يەنىلا تۈركىيە تەۋە بولغان. روسىيە سودا كېمىلىرىنىڭ دوناي دەرياسىدا قاتنىشىغا، روسىيە ھەربىي كېمىلىرىنىڭ پرۇت دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى جايلاردىكى چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلغان، شەرتنامە روسىيىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنىنى ياخشىلىغان.