Uyghur主要词典
بۇيرۇققا قارشى چىقىپ ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - ھەربىي قوماندانلىق قىلغۇچىلاردىن بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، جەڭدىن قورقۇپ، ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلىش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، جەڭدىن قورقۇپ، ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى مەلۇم دەرىجىدىكى رەھبەرلىك ئورنىغا ئىگە بولغان ھەربىي بولۇشى كېرەك.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
428 - ماددا قوماندانلىق قىلغۇچىلاردىن بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، جەڭدىن قورقۇپ، ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。