Chinese→Uyghur主要词典
部分禁止核试验条约
دۇنيا تارىخى
يادرو قوراللىرى سىنىقىنى قىسمەن مەنئىي قىلىش شەرتنامىسى
تولۇق ئاتىلىشى <ئاتموسفېرا قاتلىمىدا، تاشقى ھاۋا بوشلۇقىدا ۋە سۇ ئاستىدا يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى مەنئى قىلىش شەرتنامىسى> ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1963 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى موسكۋادا تەييارلاپ، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى رەسمىي ئىمزالىغان. 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمونى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا، تاشقى ھاۋا بوشلۇقىدا ياكى سۇ ئاستىدا <ھەرقانداق يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىپ پارتلىتىشنى ياكى باشقا ھەرقانداق يادرو پارتلىتىش> نى مەنئىي قىلىشتىن ئىبارەت. لېكىن يەر ئاستى يادرو سىنىقى مەنئى قىلىنمىغان، بۇنىڭدا يادرو چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ مونوپولىيە ئورنىنى مۇستەھكەملەش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چەكلەش مەقسەت قىلىنغان. بۇ شەرتنامە چەكسىز كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا يەر ئاستى يادرو سىنىقىنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى داۋاملاشتۇرغان.