Uyghur主要词典
بۈرگە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پارازىت قۇرتلار: ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى چىقىپ، قېنىنى شوراپ ياشايدۇ.
پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاپتۇ. بۈرگىنىڭ بېشىنى پالتا بىلەن چېپىش لازىم ئەمەس. چۇسا چاقسا، بۈرگىنى ئەسلەيمەن. كانا - مالنىڭ كۈشەندىسى. كۆكۈيۈن ئاتقا ئارام بەرمەيدۇ. سالىجىدەك چاپلاشقاندىن قورق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۈرگە.
بىر يەردە جىم تۇرمايدىغان تەنتەك كىشىمۇ « بۈرگە كىشى» دېيىلىدۇ.
1 - 557
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
ھاشارات، قېنىق بېغىر رەڭ ياكى سېرىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ تېنى كىچىك، پۇتلىرى ئۇزۇن، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ؛ شوراش ئەزاسى بار، ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تېنىدە قان شوراپ پارازىت ياشايدۇ؛ چاشقان يارىسى ۋە قارا كېزىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بىر يەردە تۇرالمايدىغان، جانلىق، جۇشقۇن كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
بىر يەردە تۇرالمايدىغان، جانلىق، پائالىيەتچان كىشى.