Uyghur←Chinese主要词典
بۇدساتۋانىڭ تۆرەلمىش سۇتراسى
دۇنيا تارىخى
佛本生经
fó běn shēng jīng
يەنى <تۆرەلمىش سۇتراسى>، ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە <جاتاكا> بولۇپ، بۇددىزمغا ئاساس سالغۇچى ساكيامونىنىڭ ئىلگىرىكى ھاياتىغا دائىر ھېكايىلەر توپلىمى. بۇ، سۇترا پىتكانىڭ <ساميىئوكتاگاما> (<كىچىك ئاگاھ>) غا كىرىدۇ. پۈتۈن كىتاب 550 تەك ھېكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈزۈلگەن يىللىرىدا كۆپ قىسىم نەزمىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن بۇرۇن يېزىلغان، نەسرىي شەكىلدىكىلىرىنىڭ كۆپى ئېھتىمال مىلادىدىن كېيىن يېزىلغان بولسا كېرەك. بۇنىڭدا ئاساسەن بۇدساتۋانىڭ ئىلگىرىكى ھاياتىدا قىلغان خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى، كۆرسەتكەن خىزمىتىگە ئائىت مەسەل - ھېكايىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، كۆپى خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەردىن ئېلىنىپ، كېيىن بۇددا مۇرىتلىرى تەرىپىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، شۇنىڭدەك بۇددىزمنىڭ ئاساسى دىنىي ئەقىدىلىرى سىڭدۈرۈلگەن. ئومۇمەن ئالغاندا، بىر مۇنچىلىغان مۇنەۋۋەر، ساغلام مەزمۇن ساقلىنىپ قالغان. بۇ، بۇددىزم ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ ھەمدە قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.