Uyghur←Chinese主要词典
بۇداپېشىت كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
布达佩斯协定
bù dá pèi sī xié dìng
1887-يىلى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن روسىيە تۈزگەن مەخپىي كېلىشىم. 1876-يىلىنىڭ ئاخىرى روسىيە تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا تەييارلىنىپ، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 1877-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، روسىيىنىڭ ۋېنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نوۋىكوۋ بىلەن ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئاندراشى بۇداپېشتتا مەخپىي ئىمزالىغان. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدا بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغان ھەمدە بوسنىيە، گېرتسېگوۋىناغا ئىگە بولۇش، ئەمما رومىنىيە، سېربىيە، بۇلغارىيە ۋە كاراناگورالارغا كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىق شەرتى بىلەن، سېربىيە ۋە كراناگورانى روسىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا ماقۇل بولغان. روسىيىمۇ بوسنىيە، گېرتسېگوۋىنا، سېربىيە ۋە كراناگورالارغا كېڭەيمچىلىك قىلماسلىققا كاپالەت بەرگەن، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى يەنە قوشۇمچە ماددىلار بېكىتىلگەن. كېيىن ئاۋستىريە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى مەزكۇر كېلىشىم بويىچە بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانى بېسىۋېلىپ، ئاۋسترىيە بىلەن روسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يامانلاشقان.