Chinese→Uyghur主要词典
捕虫叶
بىئولوگىيە
ھاشارات تۇتىدىغان يوپۇرماق
ھاشارات تۇتىدىغان ئۆسۈملۈكلەردە ئالاھىدە بولىدىغان، ھاشارات تۇتىدىغان ۋە ھەزىم قىلىدىغان ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق. ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئالاھىدىلەشكەن ھەرخىل تىپلىرى بولىدۇ. قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەم ئوتنىڭ ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرمىقىنىڭ ئالىقىنى يېرىم ئاي شەكىللىك بولۇپ، ئۈستىدە كۆپلىگەن بەزلىك تۈك ئۆسكەن بولىدۇ، ئۇلار يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھاشارات تۇتىدۇ ۋە ھەزىم قىلىپ سۈمۈرىدۇ. كۆپۈك ئوتنىڭ ھاشارات تۇتىدىغان يوپۇرمىقى خالتىسىمان بولىدۇ، سۇدىكى كىچىك ھاشاراتلار خالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، بەزلىك تۈكچىلەر ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ ىچقىرىپ پارچىلىۋېتىدۇ. قەپەز ئوتنىڭ يوپۇرماق ئالىقىنىنىڭ ئوتتۇرىدىكى تومۇرى ئۇزىراپ چىرمىغۇچىغا ئايلانغان بولۇپ، چىرمىغۇچىنىڭ ئۇچى بوتۇلكىسىمان بولىدۇ. بوتۇلكىنىڭ ئۇچىدا ئاغزى، ئاغزىنىڭ ئاستىدا ھەسەل بېزى، بوتۇلكىنىڭ تېگىدە كىسلاتالىق ھەزىم قىلىش سۇيۇقلقى بولىدۇ. كىچىك ھاشاراتلار ھەسەل شورىغان ۋاقتىدا تېيىلىپ كېتىپ بوتۇلكىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ ھەزىم بولۇپ كېتىدۇ.
ئۆسۈملۈك
bǔ chóng yè
ھاشاراتخور يوپۇرماقDئۇنىۋېرسال
bǔ chóng yè
ھاشارات تۇتىدىغان يوپۇرماق