Chinese→Uyghur主要词典
布菜希特
دۇنيا تارىخى
برېشت
(1898 - 1956) گېرمانىيىلىك دراماتورگ، شائىر، ئاۋگىسبۇرگتا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ميۇنخېن داشۆسىدە مېدىتسىنا ئۆگەنگەن. 20-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 3193-يىلى ناتىسستلار ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولسىمۇ، فاشىزمغا قارشى كۈرەشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرغان. 1948-يىلى، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەن. درامىنىڭ تەربىيىۋى رولىغا ئېتىبار بېرىپ، <تەشۋىقات، قوزغىتىش ۋە سەنئەت> نى ئۆزئارا برلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، <تارىخىي داستان درامىسى> نەزەرىيىسى بىلەن <ۋاستىلىك ئۈنۈم> دىن ئىبارەت ئويۇن قويۇش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1949-يىلى بېرلىن تىياتىر ئۆمىكىنى قۇرۇپ، سەھنە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئويۇن قويۇش ئېقىمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <درامىچىلىقتىكى ئۇششاق جابدۇقلار توغرىسىدا>، <ئويۇن قويۇشنىڭ يېڭى ماھارىتى> قاتارلىقلار بار، دراما ئەسەرلىرىدىن: <كالا ئانىنىڭ مىلتىقى>، <يۈرەكلىك ئانا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى>، <ھالىلىنىڭ تەرجىمىھالى> قاتارلىقلار، ناخشىسىدىن: <بىر ئىشچىنىڭ كىتاب ئوقۇغان ۋاقتىدىكى گۇمانى>، <قۇرۇلۇش ناخشىسى> قاتارلىقلار بار. 1955-يىلى <خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتىش> ستالىن خەلقئارالىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.