Uyghur←Chinese主要词典
بېتمان ھوللۋېگ
دۇنيا تارىخى
贝特曼.霍尔维克
bèi tè màn .huò ěr wéi kè
(1856-1921)گېرمانىيىگە باش ۋەزىرى (1909-1917)بانكىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1899-يىلى براندېنبۇرگ ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. 9051-1907-يىللىرى پرۇسسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋالىيسى بولغان. 1907-1909-يىللىرى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، پۈتۈن كۈچى بىلەن مەركەز پارتىيىسى بىلەن گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى تۈزگەن قاراكۆكلەر ئىتتىپاقىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە تايىنىپ، يۇنكىرلار ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ماسلاشقان. سىرتقا نىسبەتەن، گېرمانىيىنى يېتىم ئۇرۇندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئانتانتا دۆلەتلەرنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە چىقىرالمىغان. 1914-يىلى 8-ئايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىلدە، گېرمانىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇش جەريانىدا<تىنچلىق> نەيرىڭىنى ئىشقا سېلىپ، روسىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلىشماقچى بولغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى توسقان. 1917-يىلى پرۇسسىيىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئۇرۇشىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ھەربىي تەرەپنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 1917-يىلى 7-ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. <دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئەسلىمە> دېگەن ئەسىرى بار.