Uyghur主要词典
بىسسولاتى بېرگاماسچى
دۇنيا تارىخى
(1857 - 1920)«بىسسولاتى - بېرگاماسچى» ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1891-يىلى جۇمھۇرىيەتچى سوتسىيالىزمچىغا ئايلانغان. ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. كېيىن <ئالغا گېزىتى> نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. (1896 - 1903 -، 0819 - 1912). 1897-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، گېئولىتتى لىبېرالىستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1912-يىلى ئوڭ قانات ئىسلاھاتىچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، لىۋىيىنى ئىتېلا قىلىش ئۇرۇشىنى قوللىغانلىقتىن، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن چىقىرىلغان. قايتىدىن <سوتسىيالىستلار ئىسلاھات پارتىيىسى> نى قۇرغان بولسىمۇ، ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمدە بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان (1916 - 1918).