Uyghur←Chinese主要词典
بىسسولاتى - بېرگاماسچى
دۇنيا تارىخى
比索拉蒂一贝尔加马斯基
bǐ suǒ lā dì yī bèi ěr jiā mǎ sī jī
(1857 - 1920) ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1891-يىلى جۇمھۇرىيەتچى سوتسىيالىزمچىغا ئايلانغان. ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. كېيىن <ئالغا گېزىتى> نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. (1896 - 1903 -، 0819 - 1912). 1897-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، گېئولىتتى لىبېرالىستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1912-يىلى ئوڭ قانات ئىسلاھاتىچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، لىۋىيىنى ئىتېلا قىلىش ئۇرۇشىنى قوللىغانلىقتىن، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن چىقىرىلغان. قايتىدىن <سوتسىيالىستلار ئىسلاھات پارتىيىسى> نى قۇرغان بولسىمۇ، ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمدە بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان (1916 - 1918).