Uyghur←Chinese主要词典
بېسانت خانىم
دۇنيا تارىخى
贝桑夫人
bèi sāng fū rén
(1847 - 1933) ئەنگلىيە ھۈرىيەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر، يازغۇچىسى. لوندوندا تۇغۇلغان. فابىئان جەمئىيىتى ئەزاسى. 1893-يىلى ھىندىستانغا بېرىپ، تېئوسوفىيە جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، 1907-يىلى بۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان. 1898-يىلى بەنارەس (ھازىرقى ۋاراناسى) تا ئوتتۇرا ھىندىستان ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. 1913-يىلى خەلق كونگرېس پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ يىلى ھىندىستان ئاياللار جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. 1926 - 1927-يىللىرى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنى ساياھەت قىلغان. <تەرجىمىھالىم>، <تۆت چوڭ دىن>، <ھىندىستاندا دىن مەسىلىسى>، <ھىندىستان، قۇللۇق ياكى ئەركىنلىك> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.