Uyghur←Chinese主要词典
برېژنېۋ
دۇنيا تارىخى
勃列日涅夫
bó liè rì niè fū
(1906 - 1982) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سېكرىتارىتاتىنىڭ باش سېكرىتارى (1966- - 1982)، ئالىي سوۋېت پرىزدىئومنىڭ رەئىسى (1960 - 1964، 1967 - 1982). ئوكرائىنانىڭ كامېنسىك بازىرى (ھازىرقى دىنېپىرودژىنىسىك شەھىرى) دىكى مېتاللۇرگىيە ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1931-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەن. 1935-يىلى دىنېپىرودژېرژىنسىك شەھەرلىك مېتاللۇرگىيە شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مېتاللۇرگىيە زاۋۇتىنىڭ ئىنژېنېرى بولغان. 1937-يىلى دىنېپىرودژېرژىنسىك شەھەرلىك سوۋۋېت ئىجرائىيىكومنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1938-يىلى دىنېروپېتروۋىسىك ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سودا بۆلۈم باشلىقى بولغان، ئىككىنچى يىلى ئوبكومنىڭ شۇجىسى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە 18-كورپۇس سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئوكرائىنا 4-يۆنىلىش ئارمىيىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1946-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ زاپوروژ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئىككىنچى يىلى 11-ئايدا دىنېپروپېتروۋىسىك ئوبكومنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1950-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ مولداۋىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ يىلى 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى؛ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتى پرىزدىئومنىڭ كاندىدات ئەزاسى، مەركىزىي كومىتىت شۇجىسى بولۇپ سايلانغان. 1953-9541-يىللىرى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسى باش سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1954 - 1955-يىللىرى قازاقىستان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى سېكرىتارى، بىرىنچى سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن. 1956-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپراتىيىسى مەركىزىي كومىتېت پرىزدىئومنىڭ رەئىسى، ئالىي سوۋېت پرىزدىئومنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇنىڭ <لېنىنىزم فاڭجېنىغا ئەمەل قىلايلى>، <سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدا> ۋە <تەرەققىي تاپقان سوتسىيالىزمنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسىلىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.