Uyghur主要词典
بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى.مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى تەۋەلىكىدە بارلىققا كەلگەن. خرىستوسنىڭ ئىلاھىي تەبىئىتىلا بولىدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، ئەنئەنىۋى خرىستىئان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ خرىستوسنىڭ ئىلاھىي تەبىئىتىمۇ، ئىنسان تەبىئىتىمۇ بولىدۇ(ئىلاھىي تەبىئەت بىلەن ئىنسان تەبىئىتىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن) دېگەن تەشەببۇسىغا قارشى تۇرغاچقا، بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپى دەپ ئاتالغان.ئۇنى كونستانتىنوپول ئەتراپىدىكى بىر مۇناستىرنىڭ ئېپىسكوپى ئېئوتچېس (378-454) بەرپا قىلغان. مىلادى 449-يىلى ئېفىسوستا ئېچىلغان دىنىي يىغىندا بىر تەبىئەتچى مۇخلىسلارنى ئەنئەنىچى مۇخلىسلار دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبورلاپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىلى ـ كونىستانتىنوپولنىڭ ئېپىسكوپى فۇلاۋىئاننى ئەيىبلىگەن، قاتتىق ئۇرغان ۋە سۈرگۈن قىلغان. يىغىننىڭ قارارى ئىمپىراتور تېئودوسيۇنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. 451-يىلى چالسېدون (بوسفور بۇغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولۇپ، ھازىر ئىستانبول شەھىرىگە تەۋە)دا چاقىرىلغان دىنىي يىغىندا ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى بىلەن رىم پاپاسى تىل بىرىكتۈرۈپ، بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپىنى بىدئەتلەر قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەزھەپ سۈرىيە، پەلەستىن، مېسوپوتامىيە، ئەرمىنىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردا كەڭ تارقالغان. مۇخلىسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەمگەكچى خەلق، لېكىن جايلارغا ھوقۇق بېرىشنى يولغا قۇيۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان باي سودىگەرلەر ۋە چوڭ يەر ئىگىلىرىمۇ بار. Ⅴئەسىردىن Ⅶئەسىرگىچە، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپىگە كەڭ قورساقلىق سىياسىتىنى قوللانغان. 638-يىلى، ئىمپېراتور ھېراكلېئۇس <ئىككى تەبىئەت بىر ئىرادە> دېگەن تەلىماتنى، يەنى خرىستوسنىڭ ئىككى تەبىئىتى بولسىمۇ، بىراق، ئىرادىسى بىردېگەننى ئوتتۇرغا قويۇپ، بىر تەبىئەتچىلەرمەزھىپىگە يول قويغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەرەبلەر ۋىزانتىيىنىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىنى ئستېلا قىلغاندىن كېيىن، بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپى پەيدىنپەت ئاجىزلاشقان. بىرق، تاھازىرغىچە مىسىر ۋە سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا بىر تەبىئەتچىلەر مەزھىپىنىڭ مۇخلىسلىرى يەنىلا بار.