Uyghur主要词典
برىتانىيە جېڭى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمان ئارمىيىسىنىڭ ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 1940-يىل 8-، 10-ئايلاردا ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرى ھەم مۇھىم سانائەت شەھەرلىرىگە قارىتا ئۇدا ئېلىپ بارغان بومباردىمانچىلىقى ۋە ھاۋا جېڭى. ئىككى ئاي ئىچىدە گېرمان ئارمىيىسى 2500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، ئەنگلىيە ئارمىيىسى 650 تىن 750 ىچە ئايروپىلان چىقىرىپ جەڭگە قاتناشتۇرغان. 1940-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىق جەڭنىڭ يۇقىرى دولقۇنغاكۆتۈرۈلگەن مەزگىلى بولۇپ، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئايرودروم ۋە ئايروپىلان زاۋۇتلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسى خېلى چوڭ تالاپەتكە ئۇچرىغان. 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ گېرمان ئارمىيىسى نىشانلىرىغا يېقىنلىشىشقا ئامالسىز قېلىپ، نەتىجىدە <دېڭىز شىرى> دەپ ئاتالغان جەڭدىكى تاجاۋۇزچىلىق پىلانى مۇددەتسىز كېچىكتۈرۈلگەن. گېرمان ئارمىيىسى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ كېچىسى ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن. برىتانىيە جېڭى ئاخىرقى باسقۇچقا يېقىنلاشقان. ئەنگلىيىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن گېرمان ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن غەربىي ياۋروپانى بويسۇندۇرۇش پىلانى تارمار قىلىنغان.