Uyghur←Chinese主要词典
برېست
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
布雷斯特
bù léi sī tè
دۇنيادىكى شەھەرلەر
布列斯特
bù liè sī tè
سوۋېت بېلورۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر، برېست ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. برېست شەھىرى غەربىي بوگ دەرياسى بىلەن موخاۋېتىس دەريالىرىنىڭ چېگرىسىغا يېقىن جايلاشقان شەھەر، مۇھىم تۆمۈريول تۈگۈنى، برېست شەھىرى 1017 - يىلدىن باشلاپ بىنا قىلىنغان. 1795 - يىلى چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئىگىلىگەن. 19 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن كېيىن مۇھىم ھەربىي ئورۇن بولۇپ شەكىللەنگەن. 1918 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە، ئاۋسترو — ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى، بۇلغارىيە، تۈركىيىلەر بۇ جايدا <برېست كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. 1919 - يىلىدىن 1939 - يىلىغىچە پولشا تەۋەلىكىدە بولغان، 1939 - يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئايرىلغان. شەھەرنىڭ ھازىرقى ئاھالىسى 177 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەردە ھەرخىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائەت ئورۇنلىرى بار.