Uyghur←Chinese主要词典
برونو
دۇنيا تارىخى
布鲁诺
bù lǔ nuò
(1548 - 1600) ئىتالىيىلىك مۇتەپەككۇر. نولا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 5631-يىلى نېئاپولدا دومنىگو جەمئىيىتىگە قاتناشقان. كېيىن بىدئەت دەپ ئەيىبلىنىپ، 5751-يىلى دومنىگو جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ رىمغا كەلگەن. تەخمىنەن 1577-يىللىرى نائىلاج چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەنۋە، تۇلۇسې، پارىژ، ئوكسفورد، ۋېتتېنبېرگ، پراگا ۋە فرانكفورد قاتارلىق جايلارغا بارغان. 2159ىلى ئىتالىيىگەقايتىپ كېلىپ، ۋېنېتسىيىدىكى بىدئەتچىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئورنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە ياتقان سەككىز يىل جەرياندا قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن باش ئەگمىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا 1600-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى رىمدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. برونو كوپېرنىڭ ياراتقان قۇياش مەركەز تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇياشنىڭ ئالەم بوشلۇقىنىڭ مەركىزى ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى، قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا، ئالەم بوشلۇقىدا يەنىلا سانسىزلىغان يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇڭلاشقا ئالەم بوشلۇقىنىڭ چەكسىز بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەركىزى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، كوپېرنىڭ يەر شارىنى قۇياش سىستېمىسىدىكى ئادەتتىكى بىر يۇلتۇز ئورنىغىلا قويغان بولسا، ئۇ، قۇياشنى ئالەم بوشلۇققىدىكى ئادەتتىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇز قاتارىغا قويۇپ، خرىستىئان دىنىدىكىلەر ئىخلاس قىلىپ كېلىۋاتقان يەر شارى مەركەز تەلىماتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولۇپ، چوڭقۇر ئىلغارلىق ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىدى. ئەمما برونو ئۈزۈل - كېسىل ماتېرىيالىزمچى ئەمەس ئىدى. ئۇ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تەبىئەتنىڭ ئۆزى خۇدا دەپ قارايتتى، شۇڭا ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى پانتېئىزمچىلىققا مەنسۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <سەۋەب، ماھىيەت ۋە بىرلىك توغرىسىدا>، <چەكسىزلىك، ئالەم ۋە دۇنيا توغرىسىدا> قاتارلىقلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
布罗诺
bù luó nuò