Uyghur←Chinese主要词典
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
第一次世界大战
dì yī cì shì jiè dà zhàn
1914-يىلىدىن 1918-يىلىغىچە ئەنگلىيە، فرانسىيە، چارروسىيىنى يادرو قىلغان بىر تەرەپ بىلەن گېرمانىيە، ئاۋستىريىنى يادور قىلغان يەنە بىر تەرەپنىڭ ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈ قىتئەدە ئېلىپ بارغان جاھانگىرلىك ئۇرۇشى. كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قلىپ جاھانگىرلىك باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، تاۋار بازىرىنى تالىشىش ۋە دۇنيانى يېڭىۋاشتىن تەقسىم قىلىش كۈرىشى كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشكەن. ياۋروپادا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە ئانتانتا دۆلەتلەردىن ئىبارەت ئىككى جاھانگىرلىك ئۇرۇش گۇرۇھى شەكىللەنگەن. مەراكەش كرىزىسى (1905 - 1906) بوسىنىيە كرىزىسى (1908 - 0919) ۋە بالقان ئۇرۇشى (1912 - 1913) ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. ئەڭ ئاخىردا ساريېۋو ۋەقەسى (1914 - يىل 6-ئاينىڭ 028 كۈنى) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان. 1914-يىل 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىغان: 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە 3-كۈنى گېرمانىيە روسىيىگە ۋە فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان ھەمدە 4-كۈنى گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ دومىنىئونلىرىمۇ ئەنگلىيىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇرۇش مەزگىلىدە، تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قاتناشقان، ياپونىيە، ئىتالىيە، رومىنىي،ە گرېتسىيە، ئامېرىكا، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاتناشقان. تۆت يىلدىن كۆپرەك ئۇرۇشقاندىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بارا - بارا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان، 1918-يىلى كۈزە بۇلغارىيە، تۈركىيە ۋە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ئۇرۇشتىن پەيدىنپەي چېكىنىپ چىققان، گېرمانىيىمۇ شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى <كومپىئېگنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان. بۇ ئۇرۇشقا بىر مىليارد بەش يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار ئوتتۇز ئۈچ دۆلەت تارتىلغان. جەمئىي يىگىرمە مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، يىگىرمە مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ئۇ جاھانگىرلىك تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكى ۋە زاۋال تاپقانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلىغان. ئۇرۇش جەريانىدا پارتلىغان روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ سىستېمىسىنى تەۋەرىتىپ، ئۇشۇرتىن كېيىن غەرب ۋە شەرقتە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىڭ يۈكسىلىىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئۇنىۋېرسال,ھەربىي
第一次世界大战
dì yī cì shì jiè dà zhàn