—参考资料
بۇرۇن ئىچىگە جاراھەت چىقىش
领域: ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاشسەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ قىزىتمىسى قايتىش دەۋرىدە قوقاق چىقىش، بۇرۇننى كولاپ زېدە قىلىشتىن كېيىن يۇقۇملىنىش، يەللىك يارىلار ۋە بۇرۇن ئىچىگە چىققان مۇدۇرلارنىڭ كونىراپ قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بۇرۇن ئىچى - تېشى ئىششىش، ئاغرىش، قىزىرىش، بەزىدە قاناش، يىرىڭ يىغىپ ئېغىز ئېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سىماب، پىستە مېغىزى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھۆل خېنە تېنى 10 گرامدىن، مۇقىل، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، ئەنزىرۇت، رەۋەن، تۇربۇت 15 گرامدىن، غارىقۇن، نىشاستە، زەپەر، مەستىكى ئالتە گرامدىن، كاپۇر، جەدۋار، سوقمۇنىيا ئۈچ گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، 3 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
领域: 2 - رېتسېپ】تەركىبى【
ئاقىرقەرھا، بىخ مارجان، كات ھىندى، كۆپۈكى دەريا تەڭ مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گرام دورا دەملەپ ئىچىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كىبرىت 20 گرام، قوي يېغى 60 گرام، قىچا 20 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم سىرتتىن ياغلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。